باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى 8-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى دۈنخۇاڭ خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.12.01 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولۇش باش مەقسەت قىلىنغان، گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىئو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى دۈنخۇاڭ خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى كېلەر يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 9-ئاينىڭ باشلىرىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۈنخۇاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى يىپەك يولى دۈنخۇاڭ خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا تەشكىلىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، خىزمەت تەرتىپى ۋە ئومۇمىي لايىھىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى ھەمدە تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى.

  تەشكىلى كومىتېت ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى ۋە يىپەك يولى مەدەنىيەت يىلىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك يادرولۇق مەزمۇن نامايان قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىش سەھنىسى ھاسىل قىلىنىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ ئادىتى، زامانىۋى مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمدە دۆلەت ئىچى يىپەك يولىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت سەنئەتتىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

  ئۇندىن باشقا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە يەنە جەمئىيەتتىكى كۈچلەر قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، بازارلاشتۇرۇپ ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يىپەك يولى مەدەنىيەت مىراسلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، يىپەك يولى مەدەنىيەت ساياھەت تەرەققىيات مۇنبىرى، شىفىرلىق يىپەك يولى مۇنبىرى، خەلقئارا ياشلار مەدەنىيەت ئىجادىيەت لايىھىلەش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان ئاممىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى دۈنخۇاڭ خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە فرانسىيە ئاساسلىق مېھمان دۆلەت قىلىپ بېكىتىلگەن. يەنە يىپەك يولى بويىدىكى باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەر قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىۋىتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان، ئالاقىلىشىدىغان خەلقئارا سەھنىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر