باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

6 ياشلىق مېڭە پارالىچ سىڭلىسىنى يۈدۈپ مەكتەپكە ئاپىرىدىغان 11ياشلىق بالا تورداشلار تەرىپىدىن « ئەڭ ياخشى ئاكا » دەپ تەرىپلەندى

2015.12.01 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :11ياشلىق لى يۈەن ھەركۈنى بوغچىسىنى ئېسىپ بولغاندىن كىيىن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، سىڭلىسىنى يۈدۈۋالغاندىن كىيىن، چىغىر يولنى بويلاپ مەكتەپكە ماڭىدۇ. ئىككى ئايدىن بۇيان، 11ياشلىق لى يۈەن سىڭلىسىنىڭ مەكتەپكە بېرىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەركۈنى مېڭە پارالىچى تۈپەيلىدىن مېڭىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان سىڭلىسىنى يۈدۈپ، مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىشنى داۋاملاشتۇردى، ئۇنىڭ بۇ روھى تورداشلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، تورداشلار تەرىپىدىن « ئەڭ ياخشى ئاكا » دەپ تەرىپلەندى.سىڭلىسى لى نىيەنيىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشىغا يەتكەن بولسىمۇ، مىڭە پارالىچ كېسىلى سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان بولغاچقا، ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىپ كىلىشى بىر قىيىن مەسىلە ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى جەنۇپتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، بوۋىسى يېقىن ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش ئىشلەيتى، مومىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپقالغانلىقتىن، ھەرىكەت قىلىشقا ئەپسىز بولغاچقا، سىڭلىسى لى نىيەنيىڭنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان يۈك ئەمدىلا 11ياشقا كىرگەن لى يۈەننىڭ زىممىسىگە چۈشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر