باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 12-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، پوچتا يوللانمىلىرى بۇزۇلۇپ، يوقاپ كەتسە يەتتە كۈن ئىچىدە تۆلەپ بېرىلىدۇ

2015.12.01 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : يېڭى پوچتا باشقۇرۇش مۇلازىمىتى چارىسى، يېڭى سۇغۇرتا قانۇنى ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشى، يېڭى «جۇڭگو دورا قامۇسى» ... يېڭى يىل باشلىنىشتىن بىر ئاي بۇرۇن بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلۇپ، سىز ۋە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  پوچتا ئىدارىسى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ تېز يوللانما سېلىشى مۇمكىن، پوچتا يوللانمىلىرى بۇزۇلۇپ كەتسە چوقۇم يەتتە كۈن ئىچىدە تۆلەپ بېرىلىدۇ

  يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «پوچتا ئادەتتىكى مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى» 1-دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پوچتا كارخانىلىرىنىڭ شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان تورى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىشى مۇمكىن.

  چارىدە مۇنۇلار مۇقىملاشتۇرۇلدى: بازارلاشتۇرۇپ باھا بېكىتىش، ئېنىق راسچوت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، پوچتا كارخانىلىرى پوچتا خەۋەرلىشىش ئاساسىي ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ پوچتا ئادەتتىكى مۇلازىمىتىدىن باشقا مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. بۇ پوچتا ئىدارىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ تېز يوللانما سېلىشىدا قانۇن-بەلگىلىمە ئاساسى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  چارىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يوللىرىغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بېكىتىلدى. چارىغا ئاساسەن، پوچتا ئادەتتىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، پوچتا يوللانمىلىرى يوقاپ كەتسە، بۇزۇلسا ياكى يوللانما ئىچىدىكى بويۇملار كەم چىقسا، پوچتا كارخانىلىرىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئىستېمالچىلارغا تۆلەم بېرىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار پوچتا كارخانىلىرىغا ئەرز قىلىپ نەتىجە چىقمىسا، پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ پوچتا كارخانىلىرى پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرى يۆتكەپ بېجىرىشكە سۇنۇلغان ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر