خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ30-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-نويابر، ئېلىمىزنىڭ ARJ 21 بەلگىلىك يېڭى تارماق لىنىيە ئايروپىلانى شاڭخەيدىن چېڭدۇغا ئۇچۇپ، چېڭدۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇ C 919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پۈتۈن قوراشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە سانائىتىدە يەنە بىر چوڭ بۆسۈشى بولدى.بۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ھاۋا يولى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ رېئاكتىۋ تارماق لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئىگە بولغانلىقىدىن شۇنداقلا دۆلىتىمىز رېئاكتىۋ تارماق ئايروپىلانى لايىھىلەش، سىناق قىلىپ ياساش، تەجرىبە قىلىش، سىناق ئۇچۇرۇش، ئىسپات ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تاپشۇرۇش پۈتكۈل جەريانىنى تاماملىغانلىقىدىن ۋە رېئاكتىۋ تارماق لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى