باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدىكى شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناشتەك قانۇنسىز جىنايەتلەرنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى

پەردە ئارقىسىدىكى «مۇھاپىزەتچى»لەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ

2015.11.26 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25-نويابىر جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تارماقلىرىنى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدىكى شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناشتەك قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى رەزىل كۈچلەر ۋە «مۇھاپىزەتچى»لەرنى تېپىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئىگىلىنىشچە، ج خ مىنىستىرلىقى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ناخشا-ئۇسسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئېچىش، يۇيۇنۇش، ئۇۋۇلاش، ئېلېكترونلۇق ئويۇن قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق، يۇمشاق ئەسلىھەلىرى لاياقەتسىز، بىخەتەرلىك تۈزۈمى مۇكەممەل بولمىغان، تىجارەت باشقۇرۇشى قېلىپلاشمىغان كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى ۋاقتىدا تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىدىكەن؛ ئامانلىق ساقلاش تەرتىپى قالايمىقان، شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش ئەھۋالى ئېغىر بولغان كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئىزچىل تەرتىپكە سالىدىكەن؛ شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناشقا چېتىلىدىغان ئورۇنلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «قارا تىزىملىك» تۇرغۇزۇپ جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر