- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چىڭخەي چىليەن رايونىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم بايقالمىدى
2015.11.25 14:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇقۇشىچە، 24-نويابىر سەھەرگىچە، 23-نويابىر بۇ ئۆلكىنىڭ چىليەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم بولمىغان، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ بەزى ۋوگزاللىرى سىلكىنگەن، لېكىن قاتناش تەسىرگە ئۇچرىمىغان. چىليەن ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يەر تەۋرەشتە بۇ ناھىيەدىكى 14 دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئۆيىگە چاك كەتكەن، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 46 ئادەم يېقىن ئەتراپقا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، باشقا ئاپەت ئەھۋالى يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتىكەن. 23-نويابىر سەھەر سائەت بەشتىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە، چىليەن تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چىليەن ناھىيەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئون مىڭ مېتىر كېلىدىكەن، ناھىيە بازىرى كۈچلۈك سىلكىنگەن، 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆلكە مەركىزى شىنىڭ شەھىرىمۇ يېنىك سىلكىنگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر