- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى شېركىتى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ جېڭمىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى
2015.11.23 13:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى شىركىتى پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىركەت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ جېڭمىڭنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يولداش خۇ جېڭمىڭ مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىركەتكە كەلگەن مەزگىلىدە، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىركەتكە بولغان مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇشىغا كاشىلا قىلىپ، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىنتىزامىغا ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان. پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ۋە شىركەت پارتكومنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق، يولداش خۇ جېڭمىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، پارتكوم ئىشخانىسى مۇدىرلىق خىزمەت ئورنىدىن يۆتكۈۋىتىلدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر