- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش، ساختىپەزلىككە زەربە بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
2015.11.20 13:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 19-نويابىر بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلىش ۋە ساختا-ناچار تاۋارلارنى ياساپ سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش، ساختىپەزلىككە زەربە بېرىش يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ۋە ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، زەربە بېرىش بىلەن قۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش، ساختىپەزلىككە زەربە بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە جايلار، تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن «12-بەش يىل» مەزگىلىدە ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش، ساختىپەزلىككە زەربە بېرىش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 150 نەچچە قېتىم مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 59 مىڭ دېلونى ئەيىبلىدى، 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ھۆكۈم قىلدى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يۇمتاللىرىنى رەسمىي نەشىرلەشتۈرۈش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر