باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«13- بەش يىل»نەزەر

كۈتۈنۈش سوممىسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئادىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىشقا چوڭ قەدەم ئېلىنىدۇ

2015.11.13 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- نويابىر ئېلان قىلىنغان«ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجىتمائىي تەرەققىياتقا ئالاقىدار 13- بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى پىكرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىجتىمائىى كاپالەت ئىسلاھات يۆنىلىشى دىققەت قوزغىدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىلىشى كېرەك. ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوت تۈزۈمى ياخشىلىنىپ، كۆپ تاپشۇرسا كۆپ ئېلىشتەك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سوممىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سوممىسنى مۇۋاپىق تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ.

  كۈتۈنۈش سوممىسى بىر تۇتاش پىلانلاش نېمە ئۈچۈن شۈنچلىك قىيىن؟

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئوخشىمىغان بىر تۇتاش پىلانلاش رايونلىرى ئارا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسىنى مۇناسىۋىتىنى يۆتكىمەكچى بولسا، بۇ ئىككى بىر تۇتاش پىلانلاش رايونىنىڭ كۈتۈنۈش سوممىسىنىڭ تاپشۇرۇلۇش ۋە ئىشلىتلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا كۆپ ساندىكى بىر تۇتاش پىلانلاش رايونلىرى كۈتۈنۈش سوممىسى مۇناسىۋىتىنى «توسالغۇسىز»يۆتكەشنى قوللىمايدۇ، بەلكى قۇشۇمچە شەرت قويۇپ، كۆرۈلىدىغان زىياننى ئازايتىدۇ، مەسىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىدىن يۆتكىلىپ بارغان جايدا بەش يىللىق ياكى 10 يىللىق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا، ئاندىن پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن يۆتكىلىپ بارغان جاينىڭ كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. بۇ يۆتكىلىپلا تۇرىدىغان ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ شەرتنى قاندۇرۇش ئاسان ئەمەس.

  كۈتۈنۈش سوممىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى قاتلاممۇ قاتلام يۇقىرى كۆتۈرۈش نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟ دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستېتۇتى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت كافىدېراسىنىڭ دوتسېنتى لى جىمىڭ مۇنداق دېدى: ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سوممىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەركەز ۋە جايلارنىڭ ھوقۇقى، مەسئۇلىيىتى،شۇنداقلا جايلار بىلەن جايلار ئارىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئۇنى تەڭشەشكە تاقىلىدۇ.

  كۈتۈنۈش سوممىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

  ياڭ يەنسۈي مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش سوممىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ بەش جەھەتتە پايدىسى بار: بىرىنچى، كۈتۈنۈش سوممىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلانغاندىن كېيىن، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سوممىسى مەملىكەت بويىچە ماسلاشتۇرۇپ پىلانلانسا، ئىنچىكە ھېسابلاپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇلسا، جايلارنىڭ كىرىم- چىقىم قالدۇقى پەرقى زور بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۈتۈنۈش سوممىسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلانغاندىن كېيىن، رايون ۋە ئىش ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كۈتۈنۈش سوممىسىنى يۆتكەپ داۋاملىق تاپشۇرۇشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، كۈتۈنۈش سوممىسى تۈزۈمى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش، ئىجتىمائىي بىرتۇتاش پىلانلاش ئىسچوتى بىلەن شەخسىي ئىسچوتنى ئايرىۋېتىشتىن ساقلىنىپ،ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. تۆتىنچى، ھازىرقى كۈتۈنۈش سوممىسىدىكى قەرز ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ بەشىنچى، پۇقرالار ئاساسىي كۈتۈنۈش سوممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، مەسىلەن تۈزۈم قۇرۇلمىسى ئېنىق بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس.

  ۋاقىت جەدۋىلى مەسىلىدە، ياڭ يەنسۈي مۇنداق دەپ قارىدى: ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا بىر تۇتاش پىلانلاش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان،«13- بەش يىل» دا كۈتۈنۈش سوممىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىدۇ، بۇ «13- بەش يىللىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپ»ى بويىچە تۈزۈلگەن نىشان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر