باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ توڭجوۋدىكى شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنىڭ مەمۇرىي ئىشلارنى بىجىرىش رايونىنى چېقىپ كۆچۈرۈش تاماملاندى

2015.11.12 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : بېيجىڭ توڭجوۋ رايونىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە توڭجوۋ لۇچېڭ بازىرى خېجيافۇ كەنتىگە جايلاشقان يېڭى شەھەر مەمۇرىي ئىشلارنى بىجىرىش مەركىزىنىڭ كەپىلىك رايونلارنى چېقىپ كۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەممىسى تاماملانغان، مۇناسىۋەتلىك پىلان لايىھەسى تۈزۈلمەكتە ئىكەن، پىلان لايىھەسى تاماملانغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن ئۈمىد بار.

  بۇندىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرى ئېلان قىلغان «بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلان تىزىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىدە، بېيجىڭنىڭ توڭجوۋ رايونىغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيىتى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ پىلان قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 2017-يىلى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ رايوننى ئېچىشنىڭ بارلىق قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 16 چوڭ تۈر ماكانلاشقان، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 10دىن كۆپرەك 100 مېتىردىن ئېگىز بېنانىڭ قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇشلار كەلگۈسىدە پايتەختنىڭ سودا فۇنكىسسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە توڭجوۋ مەمۇرىي مەركىزىنىڭ مۇھىم سودا ئەسلىھەسى بولۇپ قالىدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر