- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ رەھبىرى ما يىڭجيۇ ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەختى ئۈچۈندۇر دېدى
2015.11.06 14:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ رەھبىرى ما يىڭجيۇ 5-نويابىر مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ 66 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى تارىخىي خاراكتېرلىك ئابىدە بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، مايىڭجيۇ 7-نويابىر سىنگاپورغا كۆرۈشىدۇ. ما يىڭجيۇ 5-نويابىر چۈشتىن بۇ ھەقتە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئەڭ بۇرۇن 2013-يىلىلا ئۇچرىشىش ئويىغا كەلگەن. ئىككى يىلدىن بۇيان «بۇ قارالما باشتىن-ئاخىر ئۈزۈلمىدى»، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى، ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى مۇقەررەر ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشنى قارار قىلىشى «كېيىنكى قېتىملىق سايلام ئۈچۈن بولماستىن بەلكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەختى ئۈچۈن». بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئارقىلىق تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر