- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشى مۇقىملاشتى
2015.11.06 14:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى بۈگۈن «دۆلىتىمىزنىڭ 2014-يىللىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى.
«ئاخبارات»تا دېيىلىشىچە، بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى مۇقىم يولغا قويۇلغان. جېجياڭ، جياڭشى، ئەنخۇي ئۆلكىسى 2014-يىلى 1-ئايدا بۇ سىياسەتنى ئالدىن يولغا قويغان، 9-ئايدا بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 150 مىڭ بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلتىماس قىلىپ، 1 مىليون 89 مىڭىنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلانغان (ئىلتىماس بىلەن تەستىق ئارىسىدا بەلگىلىك پەرق بار)؛ ھازىر ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى بارا-بارا مۇقىملىشىپ ئايدا 80 مىڭدىن 90 مىڭغىچە كىشى ئىلتىماس سۇنىدىكەن. بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۆلچەرگە ئۇيغۇن بولغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر