- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى
2015.10.22 13:20
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
بىرىنچى، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە يېتەكچى ئىدىيەسى
1. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت مىللىي روھنىڭ مەشئىلى، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بۇرغىسى بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ قىياپىتىگە ئەڭ تولۇق ۋەكىللىك قىلىپ، دەۋر كەيپىياتىغا ئەڭ ياخشى يېتەكچى بولالايدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيەمىز تارىختىن بۇيان ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مەزگىللىرىدە ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق دەۋر كەيپىياتىنى يېتەكلەپ، خەلقنى ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەنىۋى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، روھىي تۈۋرۈك تىكلەپ، مەنىۋى يۇرت - ماكان قۇرۇش −− زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ ئۇلۇغ بۇرچى. جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو قىممىتىنى تارقىتىپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەش −− ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىدۇر.
2. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. ھازىر ئېلىمىزدە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى جانلىنىۋاتىدۇ، مەزمۇنى ۋە شەكلى مول، ئۇسلۇبى ھەر خىل بولۇپ، خەلق ياقتۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى، بارچە گۈللەر بەس - بەستە ئېچىلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان جانلىق مەنزىرە شەكىللەندى. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جاپالىق تەر تۆكۈپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، زامانىۋى پەن - تېخنىكا كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، سىرت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى كۈنسايىن ئېشىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا ئاساس، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە كەڭ بوشلۇققا ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئىدىيە - مەدەنىيەت بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا؛ ئىدىيەدە جانلىنىش، قاراشلاردا توقۇنۇش، مەدەنىيەتتە سىڭىشىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە يەنىلا قىممەت قارىشى بۇرمىلىنىش، ئەھمىيەتسىز، يىرىك بولۇش، كۆڭۈل ئېچىشنى 1 - ئورۇنغا قويۇش، بازارلىشىشنىلا كۆزلەشتەك مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، قىممەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، تەخىرسىز بولماقتا؛ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە سانغا ئەھمىيەت بېرىپ سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، يۇقىرى سەۋىيەگە يېتەلمەسلىك، كۆچۈرمىچىلىك، تەقلىدچىلىك، قېلىببازلىق، قارىغۇلارچە ئەگىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش ۋەزىپىسى ھېلىھەم ئېغىر بولۇۋاتىدۇ؛ ئەدەبىي ئوبزور كەمچىل بولۇش ھادىسىسى ساقلانماقتا، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۈچەپ تونۇشتۇرماسلىق، ناچار ھادىسىلەرنى تەنقىد قىلىش يېتەرسىز بولۇش، ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ياخشى بىلەن ناچارنى ئايرىش، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرقلەندۈرۈش، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ مۇھىتى، ئېكولوگىيەسى، ئەندىزىسىنى چوڭقۇر تەڭشەپ، ئىجادىيەت، تارقىتىش، ئىستېمالدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭى ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت توپلىرىنى زور تۈركۈمدە بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېتەكلەپ، باشقۇرۇپ، مۇلازىمەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى، ۋاسىتىسى، ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، فاڭجېنى ۋە پىرىنسپى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى كۆزلەش» يۆنىلىشى ۋە «ئىككى 100 يىل» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرگە مەھكەم تايىنىپ، خەلقنى مەركەز، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى، جۇڭگو روھىنى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ جېنى، جۇڭگو ئارزۇسىنى دەۋر تېمىسى، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يىلتىز، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن چوڭقۇر ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇشقا، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، مىللەتكە ۋە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك قىممەت يېتەكلەش كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشۇش كۈچى، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش
4. خەلق ئۈچۈن يېزىش، خەلقنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ماھىيەتتە خەلقنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى، خەلقنىڭ ئېھتىياجى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ قىممىتى. «كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش، مەن كىم» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، «خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى» دەيدىغان قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئەڭ كۆپ خەلقنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە نامايان قىلىش ئاساسىي گەۋدىسى قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىدىكى گۈزەللىكنى بايقاش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ تارىخنى يارىتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى جانلىق نامايان قىلىپ، رېئالىزملىق روھ ۋە رومانتىزملىق ھېسسىيات بىلەن رېئال تۇرمۇشنى كۆزىتىپ، يورۇقلۇقنى مەدھىيەلەپ، غايىنى نامايان قىلىپ، رەزىللىكنى قامچىلاپ، پەسكەشلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلققە ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلقنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسى، ئۇسلۇبى قاتارلىقلارغا بولغان ئارزۇسىنى ئىگىلەپ، خەلق ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈش كېرەك.
5. تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش كېرەك. تۇرمۇش ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ پۈتمەس بۇلىقى، خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ غەمگۇزارى، تايانچى. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشقا، خەلقتىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگىنىش، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز توپلاش ۋە سەنئەتنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشىنى قوللايدىغان ئىقتىسادىي سىياسەتنى بەلگىلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نۇقتىدا تۇرۇپ تۇرمۇش ئۆگىنىش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش ۋە خەلق ناخشا - قوشاقلىرىنى توپلاش، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى زۆرۈر بولغان خىزمەت شارائىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئورۇنلىرىنى نىشانلىق باشقۇرۇش ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ كەسىپ نەتىجىسىنى، ئۇنۋانىنى باھالاش، تەقدىرلەش - مۇكاپاتلاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. داڭلىق يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش ۋە خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشنى ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
6. ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تىزىملىك شەكلىدىكى مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئۆلچەم قىلىپ، سۈپەت ۋە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، «مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش»، «خۇشاللىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»، «قەلبداش بولۇش»، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەدەنىيەت - سەنئەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، يېزىلاردا كىنو قويۇش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار ۋە ئاساسىي قاتلاملارغا مۇلازىمەت قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تەشكىللىك يولغا قويۇپ، دېھقانلار قىرائەتخانىسى، مەھەللە قىرائەتخانىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېزا - بازار مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشتات ئومۇمىي سانى ئىچىدىكى مەھەللە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خىزمەت ئورنىنى تەسىس قىلىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن مائاش تەمىناتى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. «مەدەنىيەتنى يەتكۈزۈش»نى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامدىن سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «قوشماق بولۇش، مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى چېچىش» خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، كەسپىي ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەربىيەلەش، ئۆگىنىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەشكە تەشكىللەش كېرەك. يېزىلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سەنئەت ئوقۇتۇشى پىلانىنى يولغا قويۇش، سەنئەت ئىنستىتۇتلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
7. خەلقنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە ئىجاد قىلىش روھىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئامما ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئىجادىيەت كۈچىنى تولۇق قېزىش كېرەك. ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى، مەدەنىيەت سارىيى (پونكىتى)، ئاممىۋى سەنئەت سارىيىنىڭ ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەل ئارا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ كۈچىنى زورايتىش كېرەك. ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، پۇقراۋى ئۆمەكلەر، ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرى، ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تور ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجتىمائىي توپلىرى، مەھەللە ۋە كارخانا ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچلىرى، سەھرا مەدەنىيەت قابىللىرى قاتارلىقلارنى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇسلۇب ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىش كېرەك. مەھەللە مەدەنىيىتى، كەنت، بازار مەدەنىيىتى، كارخانا مەدەنىيىتى، مەكتەپ مەدەنىيىتى، ھەربىي لاگېر مەدەنىيىتى، تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاكتىپ، ساغلام، رەڭدار مەدەنىيەت شەكلىنى يارىتىپ، ئاممىنى قاتنىشىش داۋامىدا ئۆزىنى نامايان قىلىش، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتكە بولغان ھەۋەسنى يېتىلدۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مەدەنىيەتنى ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
8. خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي قىممەت ۋە بازار قىممىتى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەدەبىيات - سەنئەتنى بازارنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى نامايان قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى قويۇش، گۈزەل سەنئەت ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تۈرىدىكى نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش تۈرى تۇرغۇزۇش، سېتىۋېلىش، باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تارقىتىش قاتارلىق ھالقىلارنى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بېلەت كىرىمى، كۆرۈش نىسبىتى، ئاڭلاش نىسبىتى، چېكىش نىسبىتى، تارقىتىش مىقدارى قاتارلىقلارنى رەقەملىك كۆرسەتكۈچ قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ۋە ئامما ئېتىراپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئاممىنى يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم خەلقنىڭ تۈرلۈك مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەم يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، يەڭگىلتەكلىك قىلىشتىن ساقلىنىش، سۈپەتكە، مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىش، پايدا - مەنپەئەت قوغلىشىش، سۇخەنچىلىك قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، جۇڭگو روھىنى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ جېنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك
9. جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ دەۋر باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش −− ھازىرقى زامان ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ روشەن باش تېمىسى. جۇڭگو ئارزۇسى باش تېما قىلىنغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىنتىلىش ۋە ئىزدىنىش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى يېزىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، يەنى دۆلەت، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى، يەنە پۇقرالارنىڭ يېنىدىكى كۈندىلىك ئىشلارنى سۆزلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مول مەزمۇنىنى جانلىق، ئوبرازلىق بايان قىلىش، ئادەمنى، ۋەقەنى، روھنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.
10. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جۇڭگو روھىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى ھەم دەۋرنىڭ بايانى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ھەممە تەرەپتە ئىزچىللىشىشى، چوڭقۇر قاتلاملارغىچە سىڭىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، رەڭدار ۋەقەلىك، جانلىق تىل، مۇكەممەل ئوبراز ئارقىلىق يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ جانلىق نامايان قىلىپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈپ، مەدەنىيەتنى تاۋلاش داۋامىدا كىشىلەرگە ئىجتىمائىي ئاساسىي قىممەتنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە بىلدۈرۈش كېرەك. ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر، مۇھىم شەخسلەرنى سەنئەتلىك نامايان قىلىپ، پارلاق نەتىجىلەرگە، ئىنقىلاب ئەنئەنىسىگە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كەڭ دائىرىدە ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئورۇنلىرى ۋە يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن، ھازىرقى زامان شەخسلىرى ئارىسىدىن تېما تاللىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىككە مەدھىيە ئوقۇپ، ساختىپەزلىك، رەزىللىك ۋە شەرمەندىلىكنى سۆكۈپ، ئېتىقاد گۈزەللىكى، يۈكسەك پەزىلەتنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنى ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان تۇرمۇشقا تەلپۈنۈشكە ۋە ئۇنى قوغلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەدەبىيات، سەنئەت، كىنو، نەشرىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى فوند، مەبلەغ، نۇقتىلىق قوللاشنى قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىدىغان، ياخشىلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە ۋە ئۇنى كېڭەيتىشكە مايىللاشتۇرۇش كېرەك.
11. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭگو روھىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، ئەڭ تۈپكى مەزمۇنى، شۇنداقلا ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشى. ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي شارائىت قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشقان بولسىلا، ھەممىسىنى ھۆرمەتلەش، ئالقىشلاش، خاتىرىلەش، يېزىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى قوللاپ ۋە تەشكىللەپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ، دۆلەتكە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى بايان قىلىپ، كوللېكتىۋىزملىق روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىشەنچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخى، جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى دەۋردىكى كۈرەش تارىخى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مۇساپىسى، چەت ئەلدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ۋەتەنگە تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. تارىخىي ئىنكارچىلىققا بايرىقى روشەن قارشى تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخىنى بۇرمىلايدىغان، دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلايدىغان، خەلقنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى چەكلەپ، چەت ئەلنىڭكىنى قەدىرلەش، چەت ئەلنىڭكىگە بويسۇنۇش قارىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنىڭ ئىپادىلەش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، شەكىل، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلىنى داۋاملىق بېيىتىپ، سەنئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم خاتىرە كۈن، مىللىي ئەنئەنىۋى بايرام قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئېسىل ئەسەرلەرنى مەركەزلىك كۆرەك قىلىپ، تارقىتىپ، نامايان قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
12. مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، دۇنيا مەدەنىيىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ، ئىلمىي ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتۇپ، بەرپا قىلىش تىپىدىكى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. شاكىلىنى تاشلاپ، مېغىزىنى تاللاپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن بۈگۈنكى زاماننىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تەپەككۇر، ئىدىيە، ئەخلاق ئۆلچىمى، قىممەت قارىشىنى تاللاپ ئېلىپ، يېڭى مەنە يۈكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش شەكلىدە سەنئەتلەشتۈرۈپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئاساسىغا، روشەن جۇڭگو روھىغا ئىگە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىجاد قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالىق تەربىيەسى، ئەل ئارا ۋارىسلىق قىلىش، قائىدە - يوسۇننى قېلىپلاشتۇرۇش، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە جامائەت پىكرى تەشۋىقاتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش، مەزمۇن ۋە قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈش، جەمئىيەتتە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭخۇا نەزمىلىرى، مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى، ھۆسنخەت - رەسىملىرى، ئەلنەغمە - سېرىكلىرى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت خاتىرە فىلىملىرى، كارتون فىلىم، نەشر ئەپكارلىرى قاتارلىقلارنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. مىللىي ئەلئارا سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت نەتىجىلىرى ۋە بايلىقلىرىنى قوغداش، قېزىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. يەرلىكنىڭ دىراما ۋە ئەلنەغمە تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويۇش، جىڭجۈ تىياتىرىنى سۈرەتكە، ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى تىياتىر تۈرلىرىنى قېزىپ چىقىپ، رەتلەپ، رەقەملەشتۈرۈپ ساقلاش ۋە تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتلىرى، ئۆمەكلىرىنىڭ رېپېتىتسىيە قىلىش، ئويۇن قويۇش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ھۆكۈمەت دىراما، ئەلنەغمە تۈرلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى، دىراما ۋە ئەلنەغمىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا مەكتەپلەردە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى قوللاپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەربىيە بازىلىرىنى قۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچى، دەۋرگە مۇناسىپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش
13. مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشنى مەركىزىي ھالقا قىلىش كېرەك. نادىر ئەسەر ئېڭىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئىدىيەسى ۋە بەدىئىيلىكى چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەنگەن، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىي تېما، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى، زور ئىنقىلاب ۋە تارىخ تېمىسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تېمىسى قاتارلىق مەخسۇس ئىجادىيەت پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئىجادىيەت سۇپىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات، كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، دىراما، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق ئىجادىيەتلەرنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەپ، كۈچ ۋە بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم جانلىق، ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىللىق ۋە زور سەنئەت تەسىر كۈچىگە ئىگە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەركەز ۋە يەرلىكتە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت مەخسۇس مەبلىغى ياكى فوندى تەسىس قىلىپ، ئىجادىيەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، باھالاش، تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشنىڭ كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى «بەش بىر قۇرۇلۇشى» قاتارلىقلارنىڭ ئۈلگە، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكاپاتلاش نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت پىروگراممىلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسلىي ئىجادىيەت نادىر ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش تۈرىنى يولغا قويۇش كېرەك.
14. يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئىجادىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋىلىكى بىلەن بەدىئىيلىكى بىردەك، مەزمۇنى ياخشى، ئىجادىي تەپەككۇرى ئەلا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىزدىنىش جەريانىدا بۆسۈش ۋە ھالقىش ھاسىل قىلىپ، سىڭىپ كىرىشتە يېڭى، نادىر ئەسەر يارىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك. ئەدەبىيات، سېنارىيە ۋە مۇزىكا ئىشلەش قاتارلىق ئەسلىي ئىجادىيلىك، ئۇل خاراكتېرلىك ھالقىلارنى نۇقتىلىق ھالدا يۆلەپ، خاسلىققا ئىگە ئىجادىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسەرلەرنىڭ زىيادە ئۆزگەرتىلىپ، تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆرنەك ئېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى پايدىلىق ئىدىيە، سەنئەت قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىش ۋە ئايرىپ چىقىش؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كەيپىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى شەكىل، يېڭى ئەندىزە، يېڭى تاراتقۇلار بىلەن جانلىق يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملەشكەن تېخنىكىنى باشلامچى قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى پائال تېزلىتىپ، ئىجادىيەت ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ، سەنئەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، سەنئەتنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
15. ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسى ۋە ئۇنى باھالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ئۇنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسى ئارقىلىق مۇنەۋۋەر مىراسلارنى باھالاشقا ۋارىسلىق قىلىپ، چەت ئەلنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسىنى ئۆرنەك قىلىشنى تەنقىدلەپ، جۇڭخۇا ئېستېتىكا روھىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، گۈزەل ئەخلاق، ئېستېتىكا، ياخشى مەزمۇننىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ، باھالاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ماركسىزم ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسى دەرسلىكىنى ياخشى تۈزۈپ ۋە ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى ئوقۇتۇش ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتنى باھالاش خىزمىتى ئەمەلىيىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت باھالاش كۈچىنى يۆلەپ، ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات - سەنئەت باھالاش تەشكىلاتى، تەتقىقات ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت باھالاش خىزمىتىگە ئائىت گېزىت - ژۇرنال، تور بەت ۋە پىروگراممىلارنى ياخشى تۈزۈپ، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆپەيتىپ، تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئەسەرلەرنى تارىخ، خەلق، سەنئەت، ئېستېتىكا نۇقتىسىدا باھالاش، ياخشىغا مەدەت، ناچارغا لەنەت ۋە ئىلغارنى تاللاش، ناچارنى شاللاش كېرەك.
16. تور ئەدەبىيات - سەنئىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تور ئەدەبىيات - سەنئىتى ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەشكە بىردەك ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تور ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسىرى يارىتىش ۋە تارقىتىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مۇنەۋۋەر تور ئەسلىي ئىجادىي ئەسەرلىرىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تور ئەدەبىياتى، تور مۇزىكىسى، تور تىياتىرى، مىكرو فىلىم، توردا ئويۇن كۆرسىتىش، تور كارتون فىلىمى، ھەجۋىي رەسىم قاتارلىق گۈللەنمە ئەدەبىيات - سەنئەت تىپىدىكى گۈللىنىشىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەن تور ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېڭىچە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ تور ئىجادىيىتىدىن پائال پايدىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تارقىتىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تارقىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت تور بېكەتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ كۆپ يول ئارقىلىق تارقىلىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. مەزمۇننى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، تارقىتىش تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ئاكتىپ كۈچنى تور ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باشلامچى قىلىش كېرەك.
17. ئەدەبىيات - سەنئەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبەرلىك قىلىش ۋە پىلان تۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، گېزىت - ژۇرنال، قەرەللىك ژۇرنال، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تور تاراتقۇسى، كىتاب، ئۈن - سىن ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىياتىرخانا، كىنوخانا، مەدەنىيەت سارىيى (پونكىتى)، ئاممىۋى سەنئەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى، مەدەنىيەت مەيدانلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ھەر خىل ئەدەبىيات - سەنئەت بازىلىرىنى ياخشى قۇرۇش ۋە ئۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. زامان - ماكانغا قارىتا ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئۇسۇلدا ھەر خىل كۆرگەزمە فىلىمى، كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇش، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ۋە ھۇزۇرلىنىش، باھا بېرىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە يەتكۈزۈش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، بازا ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كىم مەسئۇل بولسا شۇ ئىگە ۋە تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت بازىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى تونۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئادا قىلىپ، خاتا ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيەۋى ئېقىمى ۋە ناچار ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تارقىلىشىغا پۇرسەت بېرىشكە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.
18. مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت شەكلىدە جۇڭگو ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش − جۇڭگونىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، دۆلەت مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. بىلىمى مول ۋە چوڭقۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، رەڭدار مىللىي مەدەنىيەت، ئۇرغۇپ تاشقان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، ھاياتىي كۈچكە تولغان ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، دۇنياغا تارقىتىش قانۇنىيىتىگە ماس كەلگەن، ئاسانلا چەت ئەلدىكى قوبۇللىغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بىر تۇتاش يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ماس مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى تۈرى، يىپەك يولى فىلىم كۆۋرۈكى، يىپەك يولى ئوقۇمۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مەخسۇس پىلانى تۈزۈش كېرەك. جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەسەرلەر تەرجىمە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ۋەكىل خاراكتېرلىك جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى تاللاپ چىقىپ، كۆپ تىلدا تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش، قويۇش، كۆرگەزمە قىلىش كېرەك. مەملىكەت ئىچى - سىرتى، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئارىسىدىكى كۆپ خىل ئالاقە يوللىرى ۋە پائالىيەت سۇپىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى مەدەنىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىغا كىرگۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.
بەشىنچى، ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتتە تەڭ يېتىشكەن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش19. ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر روھىيەت ئىنژېنېرلىرى بولۇپ، ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوقۇم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت قارىشى ئۆگىنىشى ۋە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ھىمايىچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، دەۋر كەيپىياتىنىڭ باشلامچىسى، تەشەببۇسچىسى بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئۆگىنىشى ۋە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش، ھەق - ناھەق، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنىڭ چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، چاكىنىلىق، خۇشامەتچىلىك ئەھۋاللىرىنى تۈگىتىش، يېڭىچە ئىستىل، توغرا كەيپىيات يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. خەلق ياقتۇرىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى مەدەنىيەتتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەپ، بىلىمى، ئىستېداتى، تەربىيەلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ ئەخلاقى، كەسىپ روھى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى «جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئەھدىنامىسى»غا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك ۋە شەخسىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، كەسپىي مەشغۇلاتتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئوبراز تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك.
20. ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى باشلامچىلار ۋە يۇقىرى ساپالىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردە بىر تۈركۈم تەسىر كۈچكە ئىگە ئەدەبىيات - سەنئەت باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەش، خەلق ياقتۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم ئاتاقلىق ئۇستازلار ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر ۋە «تۆت بىر تۈركۈم» ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى يۆلەش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «1000 كىشىلىك پىلان»، «10 مىڭ كىشىلىك پىلان» مەدەنىيەت - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەتچىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى، مىللىي رايونلار ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. كەسپىي سەنئەت مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ مەدەنىيەت تۈرلىرىدە باش مۇتەخەسسىسلەر تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانى ۋە ۋەزىپىسىنى باھالاش، تەكلىپ قىلىش تەدبىرى ۋە چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە كەسپىي سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە ئۇنۋانىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى قوللاش كېرەك.
21. يېڭىچە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت توپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭىچە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت توپى ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى جانلىق كۈچكە ئايلاندى. خىزمەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۆپەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىش، يېتەكلەش، مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭىچە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت توپىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۈر مەلۇم قىلىش، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، كۆرەك قىلىش، باھالاش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردە شارائىت يارىتىپ، ئەزا كۆپەيتىش، ئۇنۋان باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. مەدەنىيەت رايونلىرى ۋە يېڭىچە ئەدەبىيات - سەنئەت توپىدىكىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار جايلاشقان ناھىيە(رايون)، شۇنداقلا كوچا، يېزا - بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.
ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش
22. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك ۋە خەلقچىللىق، سىياسىي مەيدان ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ماكرولۇق يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىجادىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تەشكىللەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى بازارنىڭ تەڭشىشىگە تاپشۇرۇشقا مايىل بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا، تەكشۈرۈش ۋە باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەركەزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تەشۋىقات بۆلۈمى ئالاقىلىشىش، ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق تارماق ۋە كوللېكتىپلار ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاكتىپ قاتنىشىشتەك ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئورۇنلىرىغا كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ئالدىن سەپلەپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى پىششىق بىلىدىغان، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولالايدىغان كادىرلارنى رەھبەرلىك ئورنىغا قويۇش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاش كېرەك.
23. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ شان - شەرەپ تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرگە دۆلەت تەرىپىدىن پەخرىي نام بېرىش كېرەك. مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇنەۋۋەر يازغۇچى بىلەن سەنئەتكارلارنى كەسپىي جەھەتتىن نوپۇزغا ئىگە قىلىپ، جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلار ئارىسىدىكى ئەخلاقتىمۇ، سەنئەتتىمۇ يېتىشكەن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي دوستلىشىپ، ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان مۇكاپاتلاش چارىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئىلىم - پەن ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتتە دېموكراتىك بولۇشنى تەكىتلەپ، ئوخشىمىغان قاراش ۋە مەزھەپتىكىلەرنىڭ مۇنازىرىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاساسىي تېما، ژانىر، شەكىل ۋە ۋاسىتىنى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قاراش، مەزمۇن، ئۇسلۇب ۋە ئېقىمدا پائال يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچى تەڭ تەرەققىي قىلغان، نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشتەك جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
24. ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەسەر ئىجاد قىلىش، ئىختىساسلىقلار چىقىش تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. غوللۇق مەدەنىيەت كارخانىلىرى ۋە كىچىك، مىكرو مەدەنىيەت كارخانىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، يازغۇچىلار بىلەن سەنئەتكارلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ يانداشما ئەسلىھەلەر ئىسلاھاتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت كەسپىدىكى نۇقتىلىق گېزىت - ژۇرنال ۋە نۇقتىلىق تورلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلاملارغا يۈزلەنگەن پاراۋانلىق مەدەنىيەت پائالىيىتى، چوڭ - چوڭ ئەدەبىيات - سەنئەت تۈرلىرىنى جامائەت مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك. مەخسۇس مەبلەغ ۋە فوندتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە مايىل بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت يېتەكلەش ۋە بازار ئارقىلىق تەڭشەشتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، تۈر تولۇقلىمىسى، قەرز ئۆسۈمى، پۇل ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاراۋانلىق ئىئانىنى باجدىن ئىلگىرى تۇتۇپ قېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ۋە پاراۋانلىق مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بىلەن ئىجتىمائىي سەنئەتنىڭ مائارىپ بايلىقى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ سەنئەت جەھەتتە تەربىيەلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇن - تۈزۈملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تۈزۈش كېرەك. مەدەنىيەت بازىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مەدەنىيەت بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت بازىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەسەرگىمۇ، ئاپتورنىڭ ئەخلاقىغىمۇ قاراپ، باھالاش، مۇكاپاتلاشنىڭ ئىناۋىتى ۋە تەسىرىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
25. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنى قوللاش، كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش، ئۆزىنى تىزگىنلەش ۋە ھوقۇقنى قوغداشتەك فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى ھەقىقىي قوللاپ، كەسىپلەر قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمى ۋە ئۇسۇل، ۋاسىتىلەرنى يېڭىلاپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئورگانلىشىش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ئائىلىسىگە ئايلىنىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر