- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىتتىپاقلىق __ كۈچتۈر
شى جىنپىڭنىڭ مىلللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
2015.10.01 14:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىر خەۋىرى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومېتىتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكىي موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق بەش ئاپتونوم رايوندىن 13نەپەر ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ۋەكىللەرنى بېيجىڭغا كېلىپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. 30-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ئۇلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن خاتېرە سۆرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىناق قېرىنداش، قەلبداش بولۇپ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرگە ئەمەلگە ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانى. بۇ ئارزۇ ۋە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۆلىتىمىزدىكى 56مىللەت ھەممىسى جۇڭخۇا مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدىكى باراۋەر ئەزالاردۇر، دۆلىتىمىزدىكى 56مىللەت قېرىنداش بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق تەقدىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسى ھەرمىللەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەمدە بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارزۇيىمىزدۇر.
مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت كادىر-ئاممىسى تېلېۋىزور، تور قاتارلىق ۋاستىلەرئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەن خەۋىرىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ئىلھاملاندى ھەم جانلاندى. كۆپچىلىك بەس-بەستە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ھەرمىللەت قېرىنداشلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66يىللىقى ھارپىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى شەرھىيلىدى. مېنىڭچە، ھەرمىللەت خەلقى باراۋەر ئىتتىپاقلاشقاندىلا ۋەتىنىمىز گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ، جۇڭگو ئارزۇسىمۇ ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ». مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان شىزاڭلىق ماگېستىر ئاسپرانت رېنزېڭ لاڭجيې مۇنۇلارنى دېدى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقى بولغان مەزگىلدە باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىزاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان تەبرىك تاختىسى سوۋغا قىلىپ، بىزگە باش شۇجىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بېيجىڭدىكى كانادا مەبلىغىدىكى كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر يىگىت قاسىمجان توردا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەنلىك خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى ھارپىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىزگە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىنتايىن خوشال بولدۇم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا يېزىپ بەرگەن <گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرايلى>دېگەن بۇ تەبرىك بېغىشلىمىسى شىنجاڭدىكى 23مىليوندىن كۆپرەك ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى سۆزلىدى. ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، دوستانە ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشى دۆلىتىمىز تىنىچ-ئامانلىقىنىڭ مۇھىم ئامىلىدۇر. شىنجاڭدىن كەلگەن، بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك كۈچۈمنى چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىمەن».
باش شۇجىنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تېلېۋىزوردا كۆرگەندىن كېيىن، مىللىي نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق قىزى باقىتىگۈلنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر بولغان.«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى . مەن ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنى بەرپا قىلىشتا ئورتاق تىرىشىشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.»
«دۆلىتىمىز بىر 56مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، قەدىمدىن تارتىپ مىللىي مەسىلە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، بۇ مەسىلىگە ئۇزاق مۇددەت كۆڭۈل بۆلدى.» بېيجىڭدىكى بىر كورىيە كارخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان چاۋشيەن مىللىتىدىن بولغان تورداش پاك مىڭسىل مۇنداق دېدى :«18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربىي خۇنەن، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، شىزاڭ، يەنبيەن قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بولۇپمۇ بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا باش شۇجى جىلىنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، مېنىڭ يۇرتۇم يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستىنى تۇنجى بېكەت قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، مانا بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بەردى، مېنىڭ ئەتراپتىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت قىلىدىغان دوستلىرىم ئارقا-ئارقىدىن يۇرتقا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىدى، بۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە نۇرغۇن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىز ياشلارنى جەلپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.»
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شىلىنغول ئايمىقى ھونگىلغولدىكى كونا چارۋىچى يوڭرۇڭ بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ: « ۋەتىنىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىمى ھارپىسىدا، باش شۇجىنىڭ بەش ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى بېيجىڭغا كىلىپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقى ۋە ئىشىەنگەنلىكى، بۇنىڭدىن بىز ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدۇق، خۇددى بىز باش شۇجىنىڭ قېشىغا بارغانغا ئوخشاش ھاياجانلاندۇق. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ناھايتى روھلاندۇق. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللەپ ياشنىشىنى كۆرۈپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنتايىن ئىللىقلىق ۋە بەخت ھېس قىلدۇق.» « ئىتتىپاقلىق كۈچ، بىز ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يايلاقنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ۋە روناق تاپقۇزۇش، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز.»
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر