باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: تەپتىش خادىمى بېجىرگەن دېلوسىغا ئۆمۈر بويى مەسئۇل بولىدۇ، ناھەق دېلولارنىڭ جاۋابكارلىقى بىردەك سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2015.09.29 20:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن «خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەپتىش خادىمى بېجىرگەن دېلودىكى جاۋابكار گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنسا، دۆلەت تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلو ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن ئەھۋالدا، بىردەك جاۋبكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى قوللىنىلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەپتىش خادىمى ۋەزىپە دائىرىسى ئىچىدە بېجىرگەن دېلوسىنىڭ سۈپىتىگە ئۆمۈر بويى مەسئۇل بولىدۇ. تەپتىش ئورگانلىرى بېجىرگەن دېلولاردىكى جاۋابكار گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنسا، دۆلەت تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلو ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار قېچىپ كەتكەن ياكى ئۆلگەن، مېيىپ بولغان بولسا، بىردەك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى قوللىنىلىپ، ئەدلىيە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ.

  «پىكىر»دە ئەدلىيە جاۋابكارلىقى ـــ قانۇن-نىزامغا قەستەن خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى، زور سەۋەنلىك جاۋابكارلىقى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جاۋابكارلىقىدىن ئىبارەت ئۈچكە ئايرىلدى. تەپتىش خادىمى ئەدلىيە بويىچە دېلو بېجىرىش جەريانىدا قەستەن ۋەزىپىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قىلسا ياكى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي ياكى توغرا ئادا قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا، قانۇن-نىزامغا قەستەن خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى ياكى زور سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تەپتىش خادىمى قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي ياكى جايىدا ئادا قىلماي ئەدلىيە بويىچە دېلو بېجىرىش جەريانىدا ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزسە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر