باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق نۇسخىسى)» يېقىندا ئېلان قىلىندى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى: ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى ئىچكى قىسىمدىن تاللىنىدۇ

2015.09.29 20:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ئۈچۈن «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق نۇسخىسى)»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ چىقتى ۋە يېقىندا ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى قىسمەن مۇھىم مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى ۋە قېلىپلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قارىتا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتگۇرۇپپا شۇجىسى ئادەتتە ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدىن تاللىنىدۇ، پارتىيە ئەزاسى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى پارتىيە ئەزاسى بولمىسا باشقۇرۇش قاتلىمىدىن پارتگۇرۇپپا شۇجىسى تاللىسا بولىدۇ؛ ئىجتىمائىي تەشكىلات ئىچىدە مۇۋاپىق ئادەم بولمىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتگۇرۇپپىسىدىن ئادەم ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلىسە بولىدۇ. كۆلىمى چوڭ، پارتىيە ئەزاسى كۆپ بولغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتگۇرۇپپىسى مەخسۇس ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن شۇجى تەيىنلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار نىسبەتەن مەركەزلىك رايونلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت پونكىتى قۇرۇپ، مەخسۇس، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنى سەپلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى يىلدا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئۆز ئورنىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىغا خىزمىتىنى دوكلات قىلىشى ۋە باھالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىگە مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشى، ئىلغار پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، ئەمگەك نەمۇنىچىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىلغار شەخسلەرنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشكە ئېتىبار بېرىپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنى ئىش قىلىدىغان سۇپىسى بار، تەمىناتىغا كاپالەت بار، تەرەققىياتىغا بوشلۇق بار قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر