- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
15 تاراتقۇ ئېلان قىلغان يالغان خەۋەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئاشكارا ئېلان قىلىندى
2015.09.29 11:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
28-سېنتەبىر دۆلەتلىك ئاخبارات نەشىريات رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى «ياڭزى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق 15 تاراتقۇ ئېلان قىلغان يالغان خەۋەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارا مەلۈم قىلدى. بۇ 2014-يىلى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق توققۇز تارماق ئاخبارات كۆز بويامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەرلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشىريات رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ دېلولالارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى7- قېتىم ئاشكارا مەلۈم قىلىشى بولۇپ جەمئىي 15 تاراتقۇ ۋە 17 مۇخبىر،تەھرىرگە جەرىمان قويۇلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى.
دۆلەتلىك ئاخبارات نەشىريات رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى ئاخبارات گېزىت ژۇرنال مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى ئەستايىدىل ساۋاق ئېلىپ، بۇنى ئىبرەت قىلىپ بىردىن مىڭنى پەرەز قىلىشى. ئاخبارات مۇخبىرلىرى تەھرىرلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاخبارات مۇخبىرلىرىدىن نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، كۆپ تەرەپتىن پاكىت ئېلىش، ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، يالغۇز بىر تەرەپتىن كەلگەن ئۇچۇر مەنبەسىگە تايىنىپ خەۋەر يېزىشقا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر