- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2013-، 2014-يىلى جەمئىي 1603 نەپەر جاۋابكار قانۇن بويىچە گۇناھسىز دەپ جاكارلاندى
2015.09.22 17:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 21-سېنتەبىر ئۆتكۈزگەن ئەدىلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز خاتا دېلولاردىن ساقلىنىش، تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2013-يىلى، 2014-يىلى جەمئىي 1603 نەپەر جاۋابكارنى قانۇن بويىچە گۇناھسىز دەپ جاكارلىدى. 1800دىن ئارتۇق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بېسىلىپ قالغان دېلولار تازىلاندى.
«يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇدا ئاشكارىلانغان ۋە بايقالغان خاتا ناھەق دېلولار ھەققانىيلىق ۋە دېلوغا بىۋاستە ئالاقىدار كىشىلەرگە كەلتۈرگەن زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولدى.» ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى سۈن چيەن، قىسمەن ئەدىلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىنسان ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئېڭىنىڭ كەملىكى ھەمدە قىسمەن ئەدىلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ دېلو بىجىرىشى، قانۇنغا خىلاپ ئىسپات ئېلىشى، زورلۇق بىلەن ئىسپات ئېلىشى، ھەتتا قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشىنىڭ خاتا ناھەق دېلولارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئەڭ تۈپكى سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر