باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ 19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتى روھىدا چىڭ تۇرۇشىنى تەكىتلىدى

2015.09.22 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى ئۆتكۈزگەن «ئالتە تەرەپ سۆھبىتى 19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشتى. ۋاڭ يى سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىدى. يەنىلا رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە، يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە، يەنىلا يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى، يەنىلا يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ توغرا يۆنىلىشى.

  ۋاڭ يى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى باياناتتا بەلگىلەنگەن مەزمۇن، پىرىنسىپ ۋە قاراشلارنى قايتىدىن جەزملەشتۈرۈپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى قايتا تەكىتلەپ، يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى بىخەتەرلىكى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىزدىنىپ، يېرىم ئارالنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ ۋە مۇقىم بولۇشىنى ھەقىقىي قوغداپ، 19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتىنى قايتىدىن قوزغىتىش، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاپ ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاشقا مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر