باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى ئېلان قىلىندى

2015.09.22 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى ئېلان قىلدى، پىكىردە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تەلەپ قويۇلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. پىكىردە: ھازىر دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەككى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر قايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتكوملىرى، پارتگۇرۇپپىلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى پارتگۇرۇپپىلىرى، پارتكوملىرى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ۋە يېتەكچىلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتكوملار، پارتگۇرۇپپىلار، شۇجىلار، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار، دەرىجىمۇ-دەرىجە، قاتلاممۇ-قاتلام چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى قېلىپىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا تولۇق گەۋدىلىنىشى ۋە ھەقىقىي كۈچەيتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر