باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيەنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشقا قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 9-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.09.22 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



ئارمىيەنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشقا قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 9-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 18-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئارمىيەنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشقا قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈ چىلياڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا بوي سۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ۋەزىيىتى ۋەزىپىسىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك ياردەم بېرىش قارىشىنى تىكلەپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولى، خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۈ چىلياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ غەربىي رايوننى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يېڭى تەلىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەم بېرىش خىزمىتى يېڭى قارىشى تىكلەش، ياردەم بېرىش يېڭى تەدبىرىنى چىقىرىش كېرەك. بىخەتەرلىك جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىرلەشتۈرۈش چوڭ ئىستراتېگىيەسىدە پىلانلاپ، قەدەمنى تېزلىتىپ، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر