باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو چىڭدۇ خەلقئارا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايرىمى تۈنۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2015.09.22 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-نۆۋەتلىك جۇڭگو چىڭدۇ خەلقئارا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايرىمى تۈنۈگۈن چېڭدۇدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايرىمىدا مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە مال زاكاز قىلىش پۈتۈشۈش سوممىسى 60مىليون يۈەندىن ئاشتى. غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش قاتارلىق مەدەنىيەت كەسپى تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە جەمئىي 14 تۈرلۈك ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىندى. كېلىشىم سوممىسى 30 مىليارد يۈەن بولدى، 10 كۈن ئىچىدە جەمئىي 600 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن كۆرگەزمىنى كۆردى. ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان، پەن-تېخنىكا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى قوغداش ؟ قانداق قىلغاندا ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، تېخىمۇ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش، قانداق قىلغاندا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زامانىۋى جەمئىيەت بىلەن ئۆز - ئارا بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ «زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش » تىن ئىبارەت بۇ تېمىلار بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ مۇھىم قارالمىسى بولدى. 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا غەيرى ماددىي ماددىي مەدەنىيەت بايرىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن نۇرغۇن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئېلىمىزنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئېلىمىز 1-دىن دۆلەت قاتلىمىدىن ۋەكىللىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇندەرىجىسىنى تۇرغۇزۇپ، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى 10 چوڭ تۈرگە بۆلۈپ قوغدىغان. 2-دىن ھۆكۈمەتنىڭ قوغداش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمەت فاڭجېنىنى بېكىتكەن. ئۈچىنچى، كۆپ خىللاشقان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش شەكلىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدەنگەن ھەمدە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر