باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سېتىش مىقدارى ئۇدا 4 ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى

2015.09.16 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 2015-يىللىق جۇڭگو ئاپتوموبىل تەرەققىياتى (تەيدا) خەلقئارا مۇنبىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ، ئىلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئۇدا تۆت ئاي ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەدىن تۆۋەن بولغان، بۇ نەچچە يىل تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان جۇڭگو ئاپتوموبىل كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئانچە كۆپ كۆرۈلمىگەن ئىش. جۇڭگو ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مىليون 569 مىڭ 700، سېتىش مىقدارى 1 مىليون 664 مىڭ 500 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.4 ۋە %3 تۆۋەنلىگەن. دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ ۋېيشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : « بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە سېتىش مىقدارى ئاشمىدى، كەلگۈسى ۋەزىيەتتىن ئۈمۈدۋارلىنىشقا بولمايدۇ، بازار رىقابىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.» مۇتەخەسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يۇقىرىدىن ئوتتۇرا، تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىشقا ئۆزگەردى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تېخىمۇ كۆپەيدى، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىپ قوزغىتىش بىلەن ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزئارا رولىغا تايىنىشى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. بولۇپمۇ كۈنسېرى كەسكىن بولۇۋاتقان ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ئاسراش مەسىلىسى ئالدىدا، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. لېكىن، جۇڭگو ئاپتوموبىل تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ خاڭ مۇنداق دەپ قارىدى : گەرچە ھازىرقى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ يىل مەنپىي ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بار، ھەمدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىنى تەڭشەش ئارقىلىق، يېڭىباشتىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش يولىغا قايتىش پۇرسىتى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر