باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ چىباۋ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك

2015.09.15 14:07   مەنبە: خەلق تورى

ليۇ چىباۋ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 12 - سېنتەبىردىن 14 - سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات-تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ئەلرايى ۋە كۈچنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ليۇ چىباۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كارخانا، مەھەللە ۋە ئاخبارات، تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام جامائەت مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتتىكى زور ئۆزگىرىشلەر ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى زور ياخشىلىنىش توغرىسىدا بىرلىكتە پاراڭلاشتى. ليۇ چىباۋ بارغانلىكى جايدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئوخشاشمىغان ئۇسۇل بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان ھىمايە قىلىش، ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى چاھارباغ يېزىسىدىكى ياسىن بوۋاي ليۇ چىباۋغا باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان سالىمى ۋە ئالىي ئېھتىرامىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سورىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …