باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ھالقىغان شەھەرلەر ئىتتىپاقى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ قالىدۇ

2015.09.14 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بىر خىل يېڭى تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان شەھەرلەر ئىتتىپاقى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ قالىدۇ، گېرمانىيەنىڭ ھاننوۋېر ، ئوسنابرۇك، ۋۇپېرتال، بىرېمېن، ئاچېن قاتارلىق بەش سانائەت شەھىرى يېقىندا جۇڭگونىڭ فوشەن، جياڭمېن ، جاۋچىڭ ، يۈنفۇ، جۇجۇ قاتارلىق بەش سانائەت شەھىرى بىلەن فوشەندە كېلىشىم ئىمزالاپ، جۇڭگو گېرمانىيە سانائەت شەھەرلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بىر بەلباغ ، بىر يولدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بازىرىنى بىرلىكتە ئاچماقچى بولدى.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 2014-يىلى جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ساپ ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ دۇنيا ئىگىلىگەن نىسبىتى %20.8كە يېتىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇپ قالغان. لېكىن سانائەت ئاساسى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئاساسىي زاپچاسلار، ماتېرىيال , ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى چوڭ پەرق بار.

ئۈستۈنلىكى ئارقىلىق كەم كۇسىتىنى تولۇقلاپ، بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بازىرىنى ئورتاق ئېچىش-جۇڭگو گېرمانىيە سانائەت شەھەرلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم نىشانى. ھازىر جۇڭگو گېرمانىيە سانائەت شەھەرلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مۇلازىمەت سەھنىسى بولغان جۇڭگو گېرمانىيە سانائەت مۇلازىمەت رايونى فوشەندە قۇرۇلدى، پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىچىلىك كەسپىمۇ ئاللىقاچان فوشەنگە ماكانلاشتى، بۇ يەر ئىككى تەرەپنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش ئىشلىرىنى سانائەت مۇلازىمىتى ۋە تۈرلۈك تېخنىكا تەربىيەسى بىلەن تەمېن ئېتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر