- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالىيە مىنىستىرلىقى: تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مالىيە سىياسىتى قوللىنىلىدۇ
2015.09.09 17:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن مالىيە مىنىستىرلىقى تورىدا «مالىيە ئارقىلىق مۇقىم ئېشىشقا مەدەت بېرىشتىكى سىياسەت تەدبىرلەر» ئېلان قىلىندى. يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ، نىشانلىق تەڭشەش بىلەن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشنى تېخىمۇ توغرا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ئىجابىي مالىيە سىياسىتىگە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ۋاقتىدا ئالدىن ۋە ئازراق تەڭشەپ،مۇقىم ئېشىشقا پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مالىيە قوللىنىلىپ، PPP ئەندىزىسى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى قاتارلىقلار ئسىلاھاتلار كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى، مالىيە ئارقىلىق مۇقىم ئېشىشقا مەدەت بېرىشتىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ يول قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئۈنۈمى
بۇ يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى، مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىق باج كېمەيتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى سىجىل تۆۋەن بولدى. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىت ئالدىدا، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئېشىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەۋپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىر قاتار تېخىمۇ ئاكتىپ سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق ئايلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
(1)چىقىمنى كۆپەيتىپ، باج كېمەيتىشتە ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش.
(2)ئومۇميۈزلۈك سىياسەت قوللىنىپ جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەتىرى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بېسىمىنى يىنىكلىتىش.
(3) قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئېشىش نۇقتىلىرىنى يىتىلدۈرۈش.
(4)جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ياخشىلاش.
(5)مالىيە بېجى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، تۈزۈم ئارقىلىق پايدا يارىتىشنى قويۇۋېتىش.
ئىككىنچى، كېيىنكى مالىيە سىياسىتى تەدبىر توغرىسىدىكى تەكلىپ
(1) تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مالىيە سىياسىتىنى قوللىنىش.
(2) PPP ئەندىزىسىنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇش.
(3)جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.
(4)مالىيە باج تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلار چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
(5)سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەقىقىي چىڭ تۇتۇلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر