- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بوۋاقلار سۈت پاراشوكى تەييارلاشنى باشقۇرۇش چارىسى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا
سۈت پاراشوكى تەييارلاشقا تېخىمۇ ئېغىر تەلەپ قويۇلىدۇ
2015.09.07 13:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) جۇڭگو ئاۋازى «مەملىكەت خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى تەييارلاشنى تىزىملىتىپ باشقۇرۇش چارىسى (سىناق)»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ پىكىر يىغىش باشلاندى. 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا بوۋاقلارغا تەييارلىنىدىغان سۈت پاراشوكىدا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەشۋىقات، بەلگە سېلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلدى، مەسىلەن ئىمپورت قىلىنغان سۈت مەنبەسى، ئەقلىي قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان مەزمۇنلار قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ئوخشاش بىر رېتسىپ بىلەن ئوخشىمىغان ماركىدىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدۇ.
بۇ يىل 4-ئايدا، يېڭى ماقۇللانغان «يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى»دا، ئىلگىرىكى سۈت پاراشوكى تەييارلاشتىكى «ئەنگە ئالدۇرۇش» تۈزۈمى «تىزىملىتىش»قا ئۆزگەرتىلدى. ئوخشاش بىر كارخانا ئوخشاش بىر خىل رېتسىپ ئارقىلىق ئوخشىمىغان ماركىدىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۈت پاراشوكى ساھەسىدىكى بىر كىشى يۇقارقى تەڭشەشنىڭ دەل ھازىر دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن بوۋاقلار سۈت پاراشوكى كارخانىلىرى قوللىنىۋاتقان «بىر رېتسىپ ئارقىلىق جاھاندارچىلىق قىلىش» تاكتېكىسىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر