باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىسترلىقى ئالداپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغۇچىلار 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆزىنى مەلۇم قىلسا، جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دېدى

2015.09.02 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (9) ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنىدا، ئالداپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش قىلمىشىدىكى جىنايى جاۋابكارلىقنىڭ بىردەك سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (9) 2015-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ج خ ئورگانلىرى يېڭىدىن يۈز بەرگەن ئالداپ سېتىش دېلولىرىنى تەكشۈرگەندە، ئالداپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلار قۇتقۇزۇش بىلەن بىللە، سېتىۋالغۇچىلارغا بىردەك جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېتىۋېلىش بىلەن بىللە باسقۇنچىلىق قىلىش، قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش، قانۇنسىز سولاپ قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارنىڭ ھەممە جىنايىتى قوشۇلۇپ جازالىنىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى ئالداپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغان جىنايەن گۇماندارلىرىنى تېزدىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلدى، 2015-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ج خ ئورگانلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى ئەسلىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىىلىمىلەرگە ئاساسەن سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر