- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئەل ئىچىدە قەرز ئېلىش ئەدلىيە ئىزاھاتىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى
2015.09.01 16:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەل ئىچىدىكى قەرز پۇل ئېلىش دېلولىرىغا تەدبىقلىنىدىغان قانۇندىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى تۈنۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. ھەق تەلەپ قانۇنىدا قوغداشقا تېگىشلىك بولغان مۇقىم ئۆسۈم نىسبىتى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %24 قىلىپ بېكىتىلدى. يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %36 دىن ئېشىپ كەتكەن قەرز پۇل ئېلىش توختىمى كۈچكە ئىگە ئەمەس. توردىكى قەرز پۇل ئېلىش سەھنىسى تەمىنلىگەن ئارىغا چۈشۈش مۇلازىمىتى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، كېپىللىك بىلەن تەمىنلىسە كېپىل بولغان كىشى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنىدا قوغداشقا تېگىشلىك بولغان تۇراقلىق ئۆسۈم نىسبىتى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %24 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتىلسە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. %24 ئېشىپ كېتىپ ،%36گە يەتمىگەن قىسمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بىراق قانۇن كۈچلۈك قوغداشقا مەجبۇرلىمايدۇ، %36 دىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى قانۇن قوغدىمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر