باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلار لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىگە بېرىپ كوللېكتىپ زىيارەت قىلدى

2015.08.31 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارنى يۈەنپىڭچېڭ، لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە سارىيىغا بېرىپ كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىرى.

  ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان، كورىيە، ئاۋسترالىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن تاراتقۇلىرى ۋە چېگرا ئىچىدىكى تاراتقۇلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 40 كىشى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ياپونىيە «قىزىل بايراق» گېزىتى بېيجىڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى شياۋلىن تو بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ۋە خاتىرە سارىيىغا بارغان، بەزىدە ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر، ياپونىيەلىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئېكسكۇرسىيە قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يەرگە كېلىش ئارقىلىق بۇندىن 70 نەچچە يىل ئىلگىرىكى تارىخىنى، تىنچلىق، ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇق.

  بۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» ئاساسىي تېما قىلىنغان كوللېكتىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتى-خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ تەشكىللىگەن 6 مەيدان كوللېكتىپ سىرتقا چىقىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئىچىدىكى 2–مەيدان پائالىيەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر