باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى چوڭ دېلولارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى كۈچەيتتى

2015.08.31 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈن تونۇشتۇرىشىچە، بۇ كومىتېت يېقىندا پاي بازىرىنى كونتىرول قىلىۋېلىش، ئىچكى قىسىمدا سودىلىشىش، ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ سودىلىشىش، ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىش، تارقىتىش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىشقا چېتىشلىق 22 دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ يىل ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى يۇقارقى 22 دېلونى قوشقاندا جەمئىي 48 دېلونى جىنايى ئىشلار تەرتىپى بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تونۇشتۇرىلىشىچە، بۇ 22 دېلو ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى بازار شارائىتىدىكى گەۋدىلىك قانۇنغا خىلاپ دېلولار، بولۇپمۇ پاي بازىرىنى كونتىرول قىلىۋېلىش، ئىچكى قىسىمدا سودىلىشىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ سودىلىشىش دېلولىرى ئىكەن. نۇرغۇن دېلولار تاراتقۇ ياكى پاي سوپىسى قاتارلىق تور سوپلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىركەت قوشىۋېتىلىپ قايتا تەشكىللەندى دېگەندەك ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ ۋە تارقىتىپ، پاي باھاسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئارىلىقتىن پايدا ئېلىش دېلولىرى ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر