- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىدىكى ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تۇنجى قېتىم پاراتتا نامايان بولىدۇ
2015.08.24 16:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 3-سېنتەبىر كېلىش ئالدىدا، ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىدىكى ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تۇنجى قېتىم پاراتتا نامايان بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70يىللىقىنى خاتېرىلەش پاراتىدا، ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىدىكى 51نەپەر ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى بويىچە، ھەربىر رەتتە 17كىشىلىك سەپ تۈزۈپ، ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ 10-دىن 12-رېتىگىچە رەتلىك تىزىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق پاراتقا قاتناشقان ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىدىكى ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.78مېتىر، ئوتتۇرىچە يېشى 20ياش بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى %88كە يېتىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر