- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭدا ئەتىدىن باشلاپ 15 كۈن تاق-جۈپ نومۇر بويىچە ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈشىگە چەك قويۇلىدۇ
2015.08.19 16:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەتىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىدە تاق-جۈپ نومۇر بويىچە ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈشىگە چەك قويۇش چارىسى ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ساقچى كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاجىرتىپ، چارىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر يوللىرىدىكى يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى تېلېكامېرالارمۇ خىلاپلىق قىلغان ئاپتوموبىلنى سۈرەتكە ئالىدۇ.
تاق كۈنى تاق نومۇرلۇق ئاپتوموبىل يولغا چىقىش، جۈپ كۈنى جۈپ نومۇرلۇق ئاپتوموبىل يولغا چىقىش يېقىندا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشدا، 20-ئاۋغۇست سائەت 0دىن 3- سېنتەبر سائەت 24كىچە بېيجىڭ شەھىرى ۋە باشقا ئۆلكە شەھەرلەردىن بېيجىڭغا كىرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ۋاقىتلىق قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ.
« ئۇقتۇرۇش»تا، 20-ئاۋغۇستتىن 3- سېنتەبرغىچە پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە«تاق كۈنى تاق نومۇر، جۈپ كۈنى جۈپ نومۇر» قوللىنىپ(تاق نومۇر 1،3،5،7،9، جۈپ نومۇر 2،4،6،8،0،‹2002›شەكلىدىكى نومۇر تاختىسى بىلەن ئاپتوبوبىل ئاخىرقى نومۇرى ئىنگلىزچە ھەرپلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى جۈپ نومۇر بويىچە باشقۇرىلىدۇ ) يول يۈرۈشىگە چەك قويۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر