- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ بۇيىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
2015.07.24 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :« يالغۇز پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش » سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن ،تۆنۈگۈن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قايتا تەڭشىلىدىكەن،يىل ئىچىدە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن دېگەن خەۋەر تارقالدى.بۇ ھەقتە دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمى بۇ سىياسەتنىڭ بۇيىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاساسىي قاتلام يېتەكچىلىك مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋىنجۇاڭ مۇخبىرنىڭ« قاچان ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تەتقىقات ۋە دەلىللەش خىزمىتىنى يەنىمۇ پائال ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم. پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرۈپ ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر بەلگىلەش، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
مۇشۇ ئايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يالغۇز پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 2014-يىلى ئېلىمىزدە تۇغۇلغان نۇپۇس 2013 _ يىلدىكىدىن 470 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، قايتا پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان مىقدار جەھەتتىنمۇ مۇقىم ئاشقان بۇلۇپ، ھازىر ھەر ئايدا 80 مىڭ جۈپتىن 90 مىڭ جۈپكىچە مۇقىم ئاشماقتا. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىگە نىشانلانغان ئادەملەر توپى ئىچىدە تەخمىنەن 39.6 پىرسەنتى قايتا پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلىشىدىكەن (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر