- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يان تېلېفون ئېقىم مىقدارى ۋە كەڭ بەلۋاغ ھەققىي يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ٪30 تۆۋەنلەيدۇ، ئېشىپ قالغان ئېقىم مىقدارى ساقلىنىپ قالىدۇ، دېدى
2015.07.23 16:59 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 22-ئىيۇل تېلېگراممىسى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئىنژېنېرى جاڭ فېڭ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئالاقە تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋېن كۇ 22-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن گۇۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سانائەت ۋە ئالاقە كەسپىنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ۋېن كۇ: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، يان تېلېفون ئېقىم مىقدارى ۋە مۇقىم كەڭ بەلۋاغ، بىرلىك كەڭ بەلۋاغنىڭ ئوتتۇرىچە ھەق ئېلىش سەۋىيەسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪30 تۆۋەنلەنلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ بارلىق كۆچمە ئالاقە ئابونېنتلىرىغا يۈزلەنگەن، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرىدىغان ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سانلىق مەلۇمات كەسپىدىكى ئېشىپ قالغان ئېقىم مىقدارىنى ساقلاپ قېلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، دېدى.
ھەق ئېلىش جەھەتتە، مۇقىم كەڭ بەلۋاغ ھەققى توغرىسىدا: كارخانىلارنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىدە ھەقنى ئارقا-ئارقىدىن تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت دائىرىسىدە تەڭشەشنى تاماملاش پىلانلاندى. 50Mbps ۋە 100Mbpsنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىشى ٪30تىن، 20Mbpsنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىشى ٪20تىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. كۆچمە ئالاقە ھەققى توغرىسىدا، بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ ئېتىبار بېرىلگەن ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ھازىر، ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسى مەملىكىتىمىزدىكى كۆچمە ئالاقە ئابونېنتلىرىغا يۈزلەنگەن، ھەر ئايدا 50-60 يۈەنگىچە بولغان 2GB ئېقىم مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەق ئېلىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى 5-ئايدا بۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى جەمئىيەتكە كېڭەيتتى، قالغان ئىككى كارخانا 7-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. ئىككىنچى، كاخانىلارنىڭ خەلقئارا كەزمە مۇلازىمەت ئېقىم مىقدارى ھەققىنى زور نىسبەتتە تۆۋەنلىتىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، 5-ئايدىن بۇيان، ئېلىمىز ئابونېنتلىرى كۆپرەك زىيارەتكە چىقىدىغان دۆلەت ۋە رايونلارغا قارىتا، ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسى ئارقا-ئارقىدىن كەزمە مۇلازىمەت ئېقىم مىقدارى ھەققىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىشى ٪80تىن ئېشىپ كەتتى. ئۈچىنچى، كارخانىلارنىڭ بارلىق كۆچمە ئالاقە ئابونېنتلىرىغا يۈزلەنگەن، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرىدىغان ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سانلىق مەلۇمات كەسپىدىكى ئېشىپ قالغان ئېقىم مىقدارىنى ساقلاپ قېلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇ تۈرلۈك خىزمەت ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر