- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مېيىپلارنىڭ داۋالىنىشى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك
2015.07.21 19:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) گوۋۇيۈەن قانۇن تۈزۈم ئىشخانىسى 20-ئىيۇل «مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىزامى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى ئېلان قىلدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مېيىپلارنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىشى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق چىقىمنى تۆلىيەلمەيدىغان مېيىپلارغا بەلگىلىمە بويىچە داۋالىنىش ياردىمى بېرىلىش ئېنىق بەلگىلەندى.
ھەر ساھە زاتلار بۇ يىل 20-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن جۇڭگو ھۆكۈمەت قانۇن تۈزۈم ئۇچۇرى تورى (http://www.chinalaw.gov.cn) غا چىقىپ، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا پىكىر-تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر