باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۆھلىتى 20 يىلغا ئۇزارتىلدى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ياردەم بېرىش مىخانىزمىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ

2015.07.16 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 15-ئىيۇل تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 15-ئىيۇل ئېلان قىلغان «دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»گە ئاساسەن، دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۆھلىتى 14 يىلدىن 20 يىلغا ئۇزارتىلىدۇ، دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشقا ياردەم بېرىش مىخانىزمى ئورنىتىلىپ، قەرز ئالغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  بۇ ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدىكى ئۈسۈمنىڭ ھەممىسىنى مالىيە كۆتۈرىدۇ. قەرز ئالغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قەرز تۆلەش مۇددىتى ئىچىدە ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئوقۇيدىغانلار ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قەرز ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش مەزگىلىدە كېسەل بولۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ قالغانلار بېجىرگۈچى ئاپپاراتنى يازما ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ، بېجىرگۈچى ئاپپارات بېجىرگۈچى بانكىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئوقۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش مەزگىلىدىكى قەرز پۇلى ئۆسۈمىنى مالىيە تولۇق كۆتۈرىدۇ.

  ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارغا پۇل ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلى خەۋپ-خەتەر تولۇقلىما پۇلى قالدۇقى مۇكاپات مەبلىغى، جەمئىيەت ئىئانە قىلغان ئوقۇش ياردىمى مەبلىغى ياكى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش-ياردەم بېرىش فوندىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشقا ياردەم بېرىش مىخانىزمى بەرپا قىلىپ، قەرز ئالغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىشى كېرەك. قەرز ئالغان، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن كېسەل بولۇپ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، ئائىلىسىدە كېلىشمەسلىك بولغان، ئائىلە ئەزالىرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، شۇنداقلا ئىقتىسادىي كىرىمى ناھايىتى تۆۋەن دېگەندەك ئەھۋالدىكىلەرنىڭ قەرزنى قەرەلىدە تۆلەشكە ھەقىقەتەن قۇربىتى يەتمىسە، بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ياردەم بېرىش ئىلتىماسى سۇنسا ھەم ئالاقىدار يازما ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ، بېجىرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ياردەم بېرىش مىخانىزمىنى قوزغىتىپ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دىرى ۋە ئۆسۈمىنى تۆلەپ تۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر