باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلارنىڭ ئىسسىقلىق پۇلى ئۆلچىمى: سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى
ھەر بىر كىشى ھەر ئايدا 240 يۈەن

2015.07.15 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل تېلېگراممىسى. بېيجىڭ شەھىرى متېرولوگىيە ئىدارىسى 13- ئىيۇل بۇ يىل يازدىكى تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تارقاتتى. تومۇز كىرگەندىن بۇيان، جايلاردا بۇ يىل يازدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى.

  يېقىندا دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، مەملىكەت باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تۆت ئورۇن «ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش» يەنە مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىسىسق ئۆتۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە 28 رايون ئىسسىقلىق پۇلى ئۆلچمىنى بېكىتكەن. كونكىرت تارقىتىش ئۆلچىمى ۋە تارقىتىش ۋاقتى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئوخشىمايدىكەن، بەزى ئۆلكىلەر ئاي بويىچە تارقىتىدىكەن، بەزى جايلار كۈن ھېسابلاپ تارقىتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاي بويىچە تارقىتىدىغان رايونلار ئىچىدە ئىسسىقلىق پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغان جاي سەنشى ئۆلكىسى بىلەن جياڭشى ئۆلكىسى، ھە بىر كىشى ھەر ئايدا 240 يۈەن، ئۇنىڭدىن قالسا جياڭسۇ بولۇپ، ھەر بىر كىشى ھەر ئايدا 225 يۈەن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ھەربىر كىشى ھەر ئايدا 120 يۈەن ئىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر