- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت مەبلىغى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدۇ
2015.07.15 15:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت مەبلىغى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشكە قانداق مەدەت بېرىدۇ ؟ ئىلگىرىكى قېلىپ-مىنىستىرلىق - كومىتېتلار باش بولۇپ ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى مەلۇم قىلىشقا تەشكىللەپ، بەزى تۈرلەرنى تاللاپ، مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش ئىدى. مەسئۇلىيەت ئانچە ئېنىق بولغاچقا ، نەتىجىدە نۇرغۇن تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىنغان بىلەن ئۈنۈمى ئالدىن كۆزلەنگەن مەقسەتكە يەتمەيتتى.
ھازىر بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولماقتا . بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ، بىر تۈركۈم دۆلەت قاتلىمىدىكى مەبلەغ مەركەز كارخانىلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ پايغا قاتناشتۇرۇپ بازارلاشتۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى شەكلى ئارقىلىق، نۇرغۇن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە سېلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك مەدەت بېرىلدى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلدى. شاڭخەيدە جاڭ جياڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە كارخانا بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىكى كەسپىي كىرىمى 30 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ، يېڭى شەرق گۇرۇھىدەك داڭلىق كارخانىلار ئۇلارنىڭ ئابونتىغا ئايلاندى.
بۇ شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن تەۋەككۈل مەبلىغىگە ئېرىشكەن ئىدى . بۇ مەبلەغنى سالغان چۆل ئېشىندى ئەقىل فوندىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: فوندىمىزنىڭ 350 مىليون يۈەن مەبلىغى ئىچىدە دۆلەت مەبلىغى بار. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت قاتلىمىدىكى يېتەكلەش خاراكتېرلىك فوند 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان ، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت قاتلىمى سالغان مەبلەغنى قوشقاندا دۆلەت مەبلىغى پۈتكۈل فوندىنىڭ تەخمىنەن % 40 نى ئىگىلەيدۇ ، قالغان %60 مەبلەغ بەزى پۇقراۋى ئانا فوند ھەمدە جەمئىيەت كاپىتالىدىن كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى 2007-يىلى 2-ئايدا يولغا قويغان بىر پىكىردە دۆلەتنىڭ قىسمەن كەسپىي تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تەرەققىيات مەبلىغى ئىشلىتىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش تەۋەككۈل مەبلىغى قىلىش قارار قىلىنغان . ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئارقا - ئارقىدىن سېلىنغان مەبلەغ 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
ھاۋالە قىلىنىدىغان باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بىرى بولغان مەركەز كارخانىلىرى دۆلەت سېلىنمىسى يۇقىرى پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خاۋجيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، دۆلەت سېلىنمىسى يۇقىرى پەن - تېخنىكا شىركىتى نۆۋەتتە ھاۋالە بويىچە دۆلەتنىڭ جەمئىي 5 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلىغىنى قوبۇل قىلغان، پاي قوشۇش ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش فوندى 108گە يەتكەن، جايلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن مەبلىغى ۋە جەمئىيەت مەبلىغىنى ھېسابقا ئالغاندا ، بۇ ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش فوندىغا توپلانغان مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى 30 مىليارد 411 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت مەركەز مالىيەسى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى، مەركەز ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش مەبلىغى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلار ، چوڭ تىپتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ۋە ئەلئارا كاپىتالنى جەلپ قىلىپ، ئومۇمىي كۆلىمى 40 مىليارد يۈەن كېلىدىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر