- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: 6- ئايدا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئاشتى
2015.07.10 16:07 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى خەۋىرى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 6- ئايدا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئېشىپ، ئۇدا 10 ئاي «1 دەۋر» دە تۇرغان، مۆلچەرلىنىشىچە %1.3 ئېشىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك قىممىتى %1.2 ئاشقان. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ پۇل پاخاللىشىش بېسىمى ئانچە زور ئەمەس ئىكەن.
2015- يىلى 6- ئايدا مەملىكەت ئاھالىسى ئىستېمال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4؛ بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرلەرنىڭ %1.4، يېزىلارنىڭ %1.2؛ يىمەكلىك باھاسى %1.9، يىمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ %1.2 ؛ ئىستېمال باھاسى %1.1، مۇلازىمەت باھاسى %2.2 ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت ئاھالىسى ئىستېمال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشقان.
6- ئايدا مەملىكەت ئاھالىسى ئىستېمال باھاسى سەۋىيەسى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغان تەڭلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرلەرنىڭ تەڭلەشكەن، يېزىلارنىڭ %0.1 ئاشقان؛ يىمەكلىك باھاسى %0.1 تۆۋەنلىگەن، يىمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنى %0.1،%0.2 ئاشقان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر