باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش مەزگىلىگە قەدەم قويدى

2015.07.07 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە 5- ئىيۇل مەملىكەتنىڭ جاي- جايلىرىدىن كەلگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان 30 نەچچە پىشقەدەم ئەسكەر نەنجىڭ خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش موزېيغا جەم بولۇپ «جەم بولۇش. 70 يىل» ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مەخسۇس جامائەت پاراۋانلىق فوندىغا ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە 7- ئىيۇل باشلاپ، بېيجىڭ لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرىسى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 78 يىل ئىلگىرى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىدىكى ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مۇقەددىمىسى باشلانغان، بۈگۈنكى كۈندە ھەر يىلى 7- ئاي ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئۇرۇشنى خاتىرىلەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

  ئىيۇل ئېيى باشلىنىشى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسى» مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا قويۇلۇشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسلىق تاراتقۇلار تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەشنى باشلىۋەتتى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6- ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان مەدەنىيەت باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى تۇنۇشتۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جاكارلانغان 3- سېنتەبىر تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھەربي پارات ئۆتكۈزگەندىن سىرت، ھۆكۈمەت، خەلق تەشكىلاتلىرى تەشكىللىگەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئۇرۇشنى خاتىرىلەش پەسلىگە قەدەم قويىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر