باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: چىرىكلىشىشنى جازالاش سالمىقى ئۆزگەرمەيدۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ

2015.07.07 10:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ 5- ئىيۇل ئېلان قىلغان «كۈچلۈك سىياسىي پوزىتسىيەنى ساقلاش ئومۇمىي يىغىننىڭ ۋەزىپە، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، چىرىكلىشىشنى جازالاش سالمىقى ئۆزگەرمىدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش توختاپ قالمىدى. نۆۋەتتە بىرىنچى قول باشلىق چىرىكلىشىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ چىرىكلىشىش، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىشىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر. چىرىكلىككە قارشى كۈرەش بىردەملىك ئىش ئەمەس، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ جازالاش كېرەك. «دەرەخ بىلەن ئورماننىڭ مۇناسىۋىتى»نى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، قول ئۈزگەنلەر نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىگە زىچ باغلىنىشلىق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر