مۇخبىرنىڭ 14-ئىيۇن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئاپەتتىن قۇتقۇۇزش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئىيۇندىن بۇيان گۇاڭشىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، 25 ناھىيەدىكى 340 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، چاقماق سوقۇش ۋە كەلكۈندە تۇنجۇقۇش سەۋەبلىك ئىككى ئادەم قازا قىلغان، تۆت ئادەم يوقاپ كەتكەن.
11-ئىيۇندىن بۇيان ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك گۇاڭشىنىڭ ليۇجۇ، خېچى، بەيسې، گۇيلىن، لەيبىڭ، گۇيگاڭ، نەننىڭ، خېجۇ قاتارلىق سەككىز شەھىرى ۋە 25 ناھىيە(شەھەر، رايون)سىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.