باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازى بولمايدۇ

2015.06.12 21:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  چىرىكلەشكەنلەر قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ. جۇ يۇڭكاڭنىڭ پارىخورلۇق، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاش دېلوسىغا 11 – ئىيۇن 1 – سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلدى. بۇ دېلونىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىكنى قانۇن بويىچە جازالاشتەك روشەن پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىدىن بېشارەت بەردى.

  پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە. جۇ يۇڭكاڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سابىق رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت يولىغا مېڭىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا زور زىيان سالدى، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزدى، دۆلەت مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلدى، ئۇنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. بۇ دېلوغا قارايدىغان بولساق، دېلو تۇرغۇزۇش، تەھقىقلەش ۋە ئەيىبلەشتىن سوتلاش، ھۆكۈم قىلىشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش، قانۇنغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش›› تەك تۈپ ئىدىيە ئىزچىللاشتۇرۇلدى. بۇ، پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسى، دۆلەت قانۇنى ئالدىدا ئالاھىدە پۇقرا بولمايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق كىشىنىڭ ھوقۇق – مەنسىپىنىڭ چوڭ – كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ‹‹تۆمۈر مەنسىپى›› بولمايدىغانلىقىنى، كىمىكى قانۇن – ئىنتىزامنى بۇزسا، دەپسەندە قىلسا، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھايات – ماماتلىق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، چىرىكلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانۇن بويىچە جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ توپلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ھازىر جۇڭگودا كەڭ ئاساسقا ئىگە ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى؛ چىرىكلىكنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، خەلققە زىيانلىق ئاپەتنى يوقىتىش پارتىيەمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  بۇ دېلونىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، پارتىيەمىز مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلالايدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىش رامكىسىدا چىرىكلىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ قانۇن – تۈزۈم بىلەن ھوقۇقنى چەكلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىق سىياسىىي بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قانۇن – تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن، تۈزۈمنى تەگكىلى بولمايدىغان ‹‹يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى››غا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن – تۈزۈمدىن ئېھتىيات قىلىپ، سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى ئىشلىتىشتە پاك، دىيانەتلىك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىپ، جازالاش تەدبىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە ئېزىقتۇرىدىغان بارلىق ئامىللاردىن يۈكسەك ھوشيار تۇرغاندىلا، ھوقۇقتىن ئاتلاپ كېتىدىغان، قېلىپتىن چىقىپ كېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇش، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، ھوقۇقنى قانۇن بەلگىلەيدىغان بولۇش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قاتارلىق تۈپ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئىشەنچ باغلاپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى كېرەك. قانۇن – ئىنتىزامدا بەلگىلەنگەن چەكتىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ، قانۇن – ئىنتىزامدا بەلگىلەنگەن ئاخىرقى چەككە چېقىلىشقا بولمايدۇ، ھەر قانداق باھانە – سەۋەب بىلەن ئۆزىنى پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ. قانۇن – ئىنتىزامغا قەتئىي رىئايە قىلىش، قانۇن – ئىنتىزامنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى بۇزىدىغان، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن چىرىكلىككە قارشى كۈرەش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، خەلق زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىدىغان، قانۇن – تۈزۈم كۈچلۈك تايانچ بولىدىغان بولسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىدە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، تارىخىي بۇرچ ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلالايمىز.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئىيۇن تېلېگراممىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر