باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شەرق يۇلتۇزى» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى

2015.06.12 21:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چۇڭچىڭ شەرق پاراخوت شىركىتى تەۋەلىكىدىكى «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ ھادىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پاكىتنى ئاساس قىلىپ، قىلدەك گۇمانلىق نۇقتىلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمەي، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئۈزۈل-كېسەل ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى. زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئىزدەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 2-ئىيۇن كەچ ئاچقان يىغىندا گوۋۇيۈەن «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە جامائەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى قارار قىلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ دۇڭلياڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ھەم خۇبېي ئۆلكىسى ۋە چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللار، شۇنداقلا گوۋۇيۈەننىڭ جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى ھاۋارايى-ھىدرولوگىيە، سۇ تىرانسىپورت بىخەتەرلىكى، پاراخوت لايىھەلەش-ياساش، سۇ ئۈستى قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قانۇنچىلىق ساھەلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان 20 نەچچە نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 نەچچە كىشىدىن تەركىب تاپقان تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۆز ئىچىدىن ھاۋارايى گۇرۇپپىسى، پاراخوت ياساش-ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، پاراخوت قاتنىشىغا ماسلىشىش، پاراخوت خادىملىرىنىڭ خىزمەتكە ماسلىشىش ئىقتىدار گۇرۇپپىسى، چاڭجياڭ سۇ تىرانسىپورت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى، ئۇنىۋېرسال ماسلىشىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، مەخسۇس ئەتراپلىق تەكشۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى تەقسىملىدى ۋە ھەر كۈنى پىكىرلىشىش مەجلىسى، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى، جامائەت پىكىرىنى ئانالىز قىلىش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەتراپلىق، تەرتىپلىك، ئېنىق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى «ئىلمىي، ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، قانۇن ۋە پاكىتنى ئاساس قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش»پىرىنسىپى بويىچە تۈرلۈك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى پۇختا، ئىنچىكىلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ كەلدى. بىرىنچىدىن، سۆھبەتلىشىش، سوراپ سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ئىككىنچىدىن، ھاۋارايىنى تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش خىزمىتىنى ئىلمىي ئېلىپ باردى. ئۈچىنچىدىن، پاراخوت ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە تەكشۈردى. تۆتىنچىدىن، دەرھال پاراخوتقا چىقىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ ئىسپات ئالدى.

  «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە چېتىلىدىغان ئامىللار كۆپ، سەۋەبى بەك مۇرەككەپ بولۇپ، چوقۇم ئىلمىي بولغان باھالاش ئىسپاتى ۋە زۆرۈر تەقلىدىي سىناقلاردىن ئۆتكەندىلا ئەڭ ئاخىرقى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۈچلەرنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پاكىتلارنى توپلاپ مۇقىملاشتۇرۇش؛ پاراخوتنىڭ چېرتىيوژىغا قاراپ چىقىش؛ پاراخوتنىڭ مۇقىملىقىنى سىناق قىلىش ۋە زىيانغا ئۇچرىغان ئىزلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتا، ھەر بىر ھالقا ۋە ھەر بىر گۇمانلىق نۇقتىنى بوش قويۇۋەتمەي، ھەر بىر تۈردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چوقۇم ئىشەنچلىك سانلىق ئىسپاتلارنى توپلاپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي، ئىلمىي، نوپۇزلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر