باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇنۋان، تەمىنات، ئىشتات، تەربىيەلەشنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسىدۇ

يېزا-كەنتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى مۇستەھكەم مەدەتكە ئېرىشىدۇ

2015.06.09 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتېڭى يېقىندا «يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى ( 2015-يىلىدىن 2020-يىلغىچە)» نى بېسىپ تارقاتتى، (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلدى) «يېزا مائارىپى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئاجىز تەرەپ بولۇپ، ئومۇمىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاجىزلىقلارنى تۆگىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك».

  «پىلان»دا 4 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پىلان» ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا-كەنتلەرنىڭ بىر تۇتاش پىلانىنى تۈزۈپ، بىر تۇتاش تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»نى يولغا قويۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى كونا، يېڭى، چەت، نامرات، ئارال قاتارلىق ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ يېزا -كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىدۇ، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش خاراكتېرلىك ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا ئۆستۈرىدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەت، پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتى ۋە مەكتەپلەرنى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ «بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر» يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىستودېنتلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشسە ھەم يېزا-كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ بەلگىلىك مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇش پۇلى ياردىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇش قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ؛ يېزا -بازارلاردىكى پېنسىيەگە چىققان ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.«پىلان» شەھەر-يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى يېزا-كەنتلەرگە مايىللىشىشقا يېتەكلەيدۇ. يېزا-كەنتلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتاتى شەھەر ئۆلچىمى بويىچە بىر تۇتاش بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئىشتاتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى نىسبىتى ۋە سىنىپ-ئوقۇتقۇچى نىسبىتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە بېكىتىلىدۇ. «ئىلگىركى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى نىسبىتى ئامىلى بويىچە ئىشتات بەلگىلەش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى يېزىلاردا ئوقۇغۇچىلار ئاز بولۇش، ئىشتات قىس بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش تەس بولۇش قېيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ». يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان ئالماقچى بولسا، چەت تىلى ئىمتىھانى ۋە ئىلمىي ماقالە ئەڭ زور قېيىنچىلىقى ھىسابلىنىدۇ. شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى باھالاش ئۆلچىمى ئىسلاھ قىلىنىپ، چەت تىل ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراش، (چەت تىل ئوقۇتقۇچىسى بۇنىڭ سىرتىدا)، ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەلەپلەر ئاساس قىلىنمايدۇ.

  «پىلان»دا مونۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلدىن بۇرۇن يېزا-كەنتلەردىكى ھەممە ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمىي مۇدىرلارنى ئوقۇش ۋاقتى بويىچە 360 سائەت تەربىيەلەش، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش بويىچە تەربىيەلەش كېرەك. ئىش ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇش، توردا بىلىم ئاشۇرۇش، يېزىدىكىلەرنى تەربىيەلەش، مۇتەخەسسىسىلەر يېتەكچىلىك قىلىش، مەكتەپ ئۆزىدە بىلىم ئاشۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۆستۈرىلىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى «دۆلەت تەربىيەلەش»پىلانى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، 2015-يىلدىن باشلاپ، «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى»نىڭ يۆنىلىشى تەڭشىلىپ، مۇھىم نۇقتا يېزا-كەنتلەرگە مەركەزلەشتۈرىلىدىكەن ھەم ئوتتۇرا-غەربىي رايونلاردىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمىي مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر