باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2015-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا خەلقئارا ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە زامانىۋى سودا يەرمەنكىسى»گە 100دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسى قاتناشتى

2015.06.09 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مۇلازىمەت سودا جەمئىيىتى 5-ئىيۇن سىرتقا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ جايدىكى 100 دىن ئارتۇق كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى ئۆمەك جۇڭگو كۆرگەزمە كارخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «2015-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا خەلقئارا ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە زامانىۋى سودا يەرمەنكىسى» دە ئايان بولدى. بۇ جەمئىيەت مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئافرىقىدا مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسى تېما قىلىپ كەڭ كۆلەمدە كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى، بۇ ھەم ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ۋە ئويۇن، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلۈنگەن كۆرگەزمىلەرنىڭ بىرى.

  جەنۇبىدىكى ئافرىقىنى مىسال قىلساق، شۇ جايدا پىلانلاپ قۇرۇلۇۋاتقان ئافرىقا ساياھەت، ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە مەيلى باش تېمىدىكى باغچە قۇرۇش بولسۇن ۋەياكى ھازىر بار بولغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسىنى يېڭىلاش جەھەتتە بولسۇن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كەڭ بوشلۇققا ئېرىششىدىن ئۈمىد باركەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر