- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ليەنشياڭ قوش ئېكرانلىق ئەقلىي قول سائەتنى ئېلان قىلدى
2015.06.05 14:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ليەنشياڭ گوروھى يېقىندا دۇنيادىكى تۇنجى قوش ئېكرانلىق قول سائەت «سېھىرلىك ئېكران»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «سېھىرلىك ئېكران» ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەقلىي قول سائەت ئېكرانىنىڭ كىچىكلىكىگە بولغان ئاغرىنىشىنى تۈگىتىپ، ئەقلىي قول سائەتلەرنى تېخىمۇ قولايلىق قىلماقچى بولغان. قول سائەتنىڭ ئىككىنچى ئېكرانى ئاساسىي ئېكراننىڭ سىرتقىي چوڭلۇقىغا بولغان چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، نۇر قايتۇرۇش پىرىنسىپى ئارقىلىق مەۋھۈم سكرەت ھاسىل قىلىدۇ، ھاسىل قىلىنغان سۆرەتنىڭ سائەت ئېكرانىنىڭ 20 ھەسسىسىچىلىك چوڭلۇقتىكى ئېكرانغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئەقلىي سائەت ئارقىلىق خەرىتە كۆرۈش، رەسىم ۋە سىن كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر