- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تاماكا بېجىنى تاماكا تىزگىنلەشكە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇن كىرىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ
2015.06.03 14:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش نىزامى» 1-ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. يېڭى بەلگىلىمىدە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى بارلىق ئاممىۋى سورۇنلار، خىزمەت سورۇنلىرىدىكى ئىشخانا ئىچى ۋە ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا تاماكا چېكىش چەكلەندى؛ ئۆي سىرتىدا تاماكا چېكىشكىمۇ نۇرغۇن چەكلىمىلەر قويۇلدى، مەسىلەن، ئۆچىرەتتە تۇرغاندا تاماكا چېكىشكە بولماسلىق قاتارلىقلار. خىلاپلىق قىلغان شەخسلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 يۈەن، ئورۇنلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئون مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش بەلگىلەندى.
يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ««سىگارىت ئىستېمال بېجىنى تەڭشەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، سىگارىتنى توپ سېتىش ھالقىسىدىكى باھا بېجىنى %5 تىن %11 كە ئۆستۈردى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەت تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن نۇرغۇن باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىز ھازىرغىچە يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاماكا ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال دۆلىتى بولۇپ كەلدى.
بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە، مەملىكەت بويىچە %4 تىن %5 كېچە تاماكا ئىستېمال بېجى ئازىيىدۇ، ئەمما سىگارىت ئىستېمال بېجى ئۆسكەنلىكتىن، مالىيە كىرىمى يۈز مىليارد يۈەن ئەتراپىدا كۆپىيىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكلىپ بەرگەن ھەر قاپ تاماكىنىڭ باج يۈكىنى %65 تىن %75 كە ئۆستۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، ئېلمىىزنىڭ تاماكا ئىستېمال بېجى سىياسىتىنى كەلگۈسىدە تەڭشەشكە يەنىلا ئىمكانىيەت بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر