باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا تاماكا تىزگىنلەش نىزامى چىقىرىلغاندىن كېيىن تۇنجى تۈزىتىشنامە چىقىرىلدى

2015.06.03 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تاماكا چەكلەش بۇيرۇقى» دەپ ئاتالغان «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش نىزامى» 1-ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى نازارەتخانىسىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى 1-ئىيۇن بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى بىر خەيدىلاۋ ساماۋار شورپىخانىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەندە، تۇنجى تۈزىتىش بۇيرۇقىنى چىقاردى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى نازارەتخانىسىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى بۇ خەيدىلاۋ ساماۋار شورپىخانىسىدا تاماكا چەكلەش بەلگىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايغا چاپلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈستىگە پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنىڭ يېزىلمىغانلىقى، بەلگىنىڭ تەلەپكە لايىق ياسالمىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن ئىجراچىلىرى بۇ شورپىخانىنىڭ ئەرلەر ھاجەتخانىسىدىكى سېۋەتتىن ئىككى تال تاماكا قالدۇقىنى تېپىۋالدى. بۇندىن باشقا، بۇ شورپىخانىنىڭ تاماكا چېكىشتە ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمەت خاتىرىسى كەم ئىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى نازارەتخانىسىنىڭ باشلىقى لى ياجىڭ جەرىمانە قويۇش مەقسەت ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى تاماكىنى تېخىمۇ تىزگىنلەش دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر